send link to app

NurHayat


4.6 ( 2736 ratings )
Здоровье и фитнес Медицина
Разработчик Xinjiang Computer Fans Limited.Co
бесплатно

نۇر ھايات تېببىي تور بېكىتى (تۆۋەندە نۇر ھايات تورى دەپ قىسقارتىپ ئېلىنىدۇ) شىنجاڭ نۇر ھايات ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە نۇر ھايات شىركىتى دەپ ئېلىنىدۇ) بايرىقى ئاستىدىكى كەسپىي تېببىي تور بېكىتى بولۇپ، تور بېكەت كۆرۈنمە يۈز لايىھەسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى، سەھىپىلەرنىڭ كەسپىي نۇقتىدىن ئىنچىكە ئايرىلىشى ۋە تەسىس قىلىنىشى، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىشلىتىش قىممىتى يۇقىرى تېمىلار بىلەن بېزىلىشى قاتارلىق جەھەتتە ئۇيغۇرچە تېببىي تور بېكەتلەرنىڭ ئالدى ھېسابلىنىدۇ.
نۇر ھايات شىركىتى ئۇزۇن يىللىق تېبابەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان بىمارلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، كېسەللىك ئاساتىدىن قۇتۇلۇشىدا زور تېرىشچانلىق كۆرسىتىش داۋامىدا كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تونۇپ يېتىپ، زور مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ دەسلەپكى قەدەمدە نۇر ھايات تورىنى قۇرۇپ چىقتى.
سىز بۇ تور بېكەت ئارقىلىق كۈندىلىك يېڭى تېببىي خەۋەرلەر، ھەر خىل كېسەللەر ھەققىدە چۈشەنچە ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئېسىل دورىلىرى ۋە ئۇنىڭ رولى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى قاتارلىقلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇش، ئۆزىڭىزدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قارىتا تور بېكىتىمىز ھەقسىز تېببىي مەسلىھەت سوراش، بىزنىڭ تۈرلۈك مۇكاپاتلىق پائالىيەتلىرىمىزگە قاتنىشىش بىلەن بىرگە تۈرلۈك ھەقسىز پائالىيەتلىرىمىزدىن بەھرىمان بولالايسىز.
ناۋادا سىز تېببىي ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ياكى تېببىي ساھە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولسىڭىز، بىزگە پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان ماقالە-ئەسەرلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ھەقكە ئېرىشەلەيسىز. دېمەك، بىز بارلىق ئىجابىي كۈچلەرنى بىرگە يېغىش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرىمىز. ئەگەر سىزدىمۇ شۇنداق ئۇلۇغۋار غايە ۋە روھ بولسا، بىز ھەر قاچان سىزنى قارشى ئالىمىز، چۈنكى ھاياتىمىزنى نۇرلاندۇرۇشتا سىزنىڭ تۆھپىڭىز كەم بولسا بولمايدۇ.
ئەگەر تور بېكىتىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز تېخىمۇ كۆپ دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ، ئۆزىڭىزنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ماقالىلىرىڭىزنى يوللاڭ، باشقىلار يوللىغان ماقالىلەرگە قارىتا ئۆزىڭىزنىڭ پىكىرلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇڭ. ئەگەر بىزگە پىكىرىڭىز بولسا، مۇنبەر باش بېتى ئاستىدىكى «تور بېكەت ئىشخانىسى» سەھىپىدىكى ئىچىدىكى «پىكىر ساندۇقى» تۈرىنى تاللاپ ئۆزىڭىزنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزنى بىزگە ئەۋەتىپ بېرىڭ. بىز سىزنىڭ بىزگە قارىتا يوللىغان ھەر بىر تەكلىپ-پىكىرىڭىزگە يۈكسەك ئېتىبار بىلەن قارايمىز.
ئېسىڭزىدە بولسۇن، بىز ھەر ۋاقىت سىزنىڭ قوللىشىڭىزغا مۇھتاج!!!
ھۆرمەت بىلەن: نۇر ھايات تورى